Revision 125359 of "ئوسمان نۇرى توپباش" on ugwiki

{|
|-
| align="right" valign="top" style="background:#f3f3f3; border: 1px solid silver; padding:10px"|
<div style="direction:rtl; font-family:'ALKATIP Tor', 'Alpida_Unicode System', 'UKIJ Tuz Tom', 'Microsoft Uighur', 'uyghur ekran', 'Arial Unicode MS'"> 
[[ھۆججەت:ONT.jpg|right|thumb|310px|]]
== ھاياتى ==
1942-يىلى ئىستانبۇل ئەرەنكۆيدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى مۇسا توپباش، ئانىسى فاتىمە فەرىدە خانىمدۇر. ئوسمان نۇرى توپباش توي قىلغان بولۇپ، تۆت پەرزەنتى بار. 
ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئەرەنكۆي زىھنى پاشا باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئوقىغاچ بىر تەرەپتىن پەننىي ئىلىم، يەنە بىر تەرەپتىن  مەخسۇس ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ قۇرئان-كەرىم ئۆگەندى. 1953-يىلى ئىستانبۇل ئىمام-خاتىپ مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ چاغلاردا بۇ مەكتەپ ئوسمانلىنىڭ مۇستەھكەم چىنارلىرىنىڭ يادىكارلىرى ھېسابلىنىدىغان م. جالالىدىن ئۆكتەن، ماھىر ئىز قاتارلىق قاتارلىق ئۇستازلار بىلەن نۇرەددىن توپچى قاتارلىق ياۋرۇپادا ئىلىم تەھسىل قىلغان مۇتەپەككۇرلار دەرس بېرىدىغان داڭلىق مەكتەپ ئىدى. بۇ مەكتەپتە ئۇ م. زەكائى كونراپا، يامان دەدە (ئابدۇلقادىر كەچەئوغلۇ)، ئەخمەت دەۋۇتئوغلۇ، مەھمۇت بايرام، ئەلى رىزا ساغمان قاتارلىق مۇئەللىملەردىن دەرس ئالدى. تاغىسى ئابىدىن توپباش بىلەن بىرلىكتە 1960-يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈردى. 
بۇ ئىمام-خاتىب مەكتىۋىدە ئوقۇش جەريانىدا ئۇستاز نەجىپ فازىل بىلەن تونۇشتى. يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتتى. سۆھبەتلەشتى. ئۇ چىقارغان «بۈيۈك شەرق» ژورنىلىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇپ، ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ماددى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن كۈچلۈك قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. 
ئىمام-خاتىپ مەكتىۋىنى تاماملىغاندىن كېيىن بىر مەزگىل تىجارەت ۋە سانائەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى. 1962-يىلى شىرت تىللودا ئەسكەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدى. بۇ يەردە قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولغاچقا، مۇئەللىملىك خىزمىتىنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئىنسان تەربىيىلەش، ياشلارغا دىنىي تەربىيە بېرىش خىزمىتىنى كۆڭلىگە پۈكتى. 
ئەسكەرلىكتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سانائەت ۋە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاچ، ئىلىم ۋە خەير-ساخاۋات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى. ئىلىم تارقىتىش جەمىيىتىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ خىزمەت بىناسى بىر پاراۋانلىق ئورنى ۋە ۋەقىپكە ئوخشاش بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش، كەمبەغەل يوقسۇللارغا ياردەم بېرىش مەركىزى ئىدى. ئائىلىسىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى گۇيا ئۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى. ئەزىز مەھمۇد خۇدايى ۋەقپى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى ۋەقىپكە يۆتكىدى. ئۇ ئاساس سېلىپ قۇرغان بۇ ۋەقىپنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئافرىقا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشىگە ھەسسە قوشتى. 
ئۇنىڭ كىتابلىرى دۇنيادىكى ئوتتۇز نەچچە تىلغا تەرجىمە قىلىندى. بۇ تىللارنى قوللىنىۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىلمىي يىغىن تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ دۆلەتلەرگە بېرىپ سۆھبەت ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىش قىلىش ئۈچۈن ئىدى.   
== ئۇيغۇرچە كىتابلىرى ==   
•	قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئىسلام، ئىمان، ئىبادەت
•	رەھمەت پەيغەمبىرىدىن رەھمەت شاماللىرى ۋە قۇرئان مۆجىزىلىرى
•	مەدەنىيەتىمىزنىڭ پەزىلەت نەمۇنىلىرىدىن ۋەقىپ، ئىنفاق، خىزمەت
•	مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 
ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى كىتابلىرىنى ھەقسىز چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. چۈشۈرۈش ئادرېسى:  /http://www.islamicpublishing.net       


== مەنبەلەر ==
{{reflist}}

[[az:Osman Nuri Topbaş]]
[[en:Osman Nuri Topbaş]]
[[hu:Osman Nuri Topbaş]]
[[ru:Осман Нури Топбаш]]
[[tr:Osman Nuri Topbaş]]
[[uk:Осман Нурі Топбаш]]